تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى ئامېرىكىنى ئىزاھات بېرىشكە مەجبۇر قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامېس ماتتىس: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان جەنۇپتىكى چېگراسى، ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپانىڭمۇ جەنۇبىي چگراسىدۇر» دېدى.

729610
تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى ئامېرىكىنى ئىزاھات بېرىشكە مەجبۇر قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نارازىلىقى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى ئىزاھات بېرىشكە مەجبۇر قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامېس ماتتىس، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا قورال ياردەم قىلىش مەسىلىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشلىرىگە قارىتا كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جامېس ماتتىس لىتۋانىيە زىيارىتى جەريانىدا مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، «بىز تۈركىيەنىڭ پۈتۈن ئەندىشلىرىنى تۈگىتىمىز» دېدى. 

جامېس ماتتىس: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان جەنۇپتىكى چېگراسى، ئۆز نۆۋىتىدە ياۋروپانىڭ جەنۇبىي چگراسىدۇر. بۇ چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ئىنتايىن ھەمكارلىق ئىچىدە خىزمەت قىلىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر