ئاۋسترىيەدە يۈز يۆگەشنى مەنئىي قىلىش رەسمىي قانۇنلاشتى

ئاۋسترىيە پارلامېنتى، ئاممىۋىي ئورۇنلاردا يۈزنىڭ تونۇغىلى بولمايدىغان شەكىلدە يۆگىلىشىنى مەنئىي قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

728436
ئاۋسترىيەدە يۈز يۆگەشنى مەنئىي قىلىش رەسمىي قانۇنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ مەزكۇر چەكلىمىسى، ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. ئاۋسترىيە پارلامېنتى ئاخبارات ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، يېڭى قانۇن لايىھەلىرى دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ، ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغان ئىجتىمائىي دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئاۋسترىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ، يۈزنىڭ ھەرقانداق بىر نەرسە بىلەن تونۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يۆگىلىشى ياكى يوشۇرۇلۇشىغا 150 ياۋروغىچە ئىقتىسادىي جازا بېرىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، چەكلىمىنىڭ ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى، سوت مەھكىمىسى، مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، چەكلىمىنىڭ سالامەتلىك، تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەتكە ئالاقىدار سەۋەبلەر بىلەن ماسكا دېگەندەك يۈزنى تونۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئاۋسترىيەدىكى كۆپلىگەن ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان ۋە قانۇنشۇناس، «چايشاپ چەكلىمىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزكۇر قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

باياناتتا يەنە، يېڭى قانۇن لايىھەلىرى دائىرىسىدە مۇساپىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەللىكلەرگە نېمىسچىدىن باشقا ئاۋسترىيە قىممەت – قاراشلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان كۇرسلارنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. مەزكۇر قانۇن، ئاشقۇن پىكىرلەرنى مەزمۇن قىلىدىغان كىتاب، ژۇرنال دېگەندەك يازما ئۇچۇرلارنىڭ ئاممىۋىي ئورۇنلاردا تارقىتىلىشىنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر