سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى جەنۋەدە كۆرۈشىدۇ

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى 16-ماي دېمىستۇرا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى بىر يەرگەم جەم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

728429
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى جەنۋەدە كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىبىنىڭ باياناتچىسى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ جەنۋەدە كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، 4-ماي قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان «توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى كېلىشىمى» نىڭ، جەنۋەدىكى سىياسىي مۇزاكىرەلەرگە ئىجاىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى. بىراق، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان تەرەپلەر ياكى مۇزاكىرەلەرنىڭ قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

رۇسىيە ئاستانادا تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن ئىمزالىغان «توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى كېلىشىمى» نى قوللاش ئۈچۈن تەييارلىغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەسىنى ئەزا دۆلەتلەرگە سۇندى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئۇراگۋاينىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى ئېلبىيو روسسېللى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە ئەزا دۆلەتلەرگە تارقاتقان لايىھە ئۈستىدىكى مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئاۋازغا قويۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ لايىھەسىدە، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشى، ئىيوردانىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ كۆزەتكۈچىلىك قىلىشى ئاستىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆزئارا كۆرۈشۈپ، بىر كېلىشىم ئۈستىدە پىكىر ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سۈرىيەدە ئۇرۇشۇۋاتقان بارلىق تەرەپلەردىن ھەم 2016-يىلى تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھەمدە ئاستانادا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان لايىھەدە، ب د ت غا ئەزا ھەممە دۆلەتلەردىن «توقۇنۇشماسلىق رايونلىرى كېلىشىمى» گە ياخشى نىيەت بىلەن كۈچ چىقىرىشمۇ تەلەپ قىلىندى.

4-ماي قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كاپالەت بېرىشى ئاستىدا، سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر بىلەن باششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئەڭ كۆپ توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان جايلاردا تۆت «توقۇنۇشماسلىق رايونى» تەسىس قىلىپ، چېگرا بويىچە «بىخەتەر رايون» قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.

سۈرىيەدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش تەكلىپ قىلىنغان ئاستانا كېلىشىمى 6-ماي جۈمە كۈنى (7-ماي) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 03:00 تە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر