ئاق دېڭىزدا يېڭى بىر كۆچمەن پاجىئەسى يۈز بەردى

ياۋروپاغا كېتىش ئارزۇسى بىلەن لىۋىيەدىن يولغا چىققان يەنە 80 ئەتراپىدا كۆچمەننىڭ ئاق دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

727615
ئاق دېڭىزدا يېڭى بىر كۆچمەن پاجىئەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئانسا، ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ چارلاش پاراخوتى ئالدىنقى كۈنى دېڭىزدىن قۇتقۇزۇپ بۈگۈن پوززاللو پورتىغا ئېلىپ كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ھېكايە قىلىشىچە، رايوندا يېڭى بىر پاجىئەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كۆچمەنلەر، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى لىۋىيەدىن 120 ئادەم بىلەن بىرلىكتە ئاق دېڭىزدا سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنى، بىراق كۆپ ئۆتمەي يۈكنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلى كېمىگە سۇ كىرىپ كەتكەنلىكى، ئارقىدىن سۇغا غەرق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېڭىزغا چۈشكەن كۆچمەنلەردىن 40 تەك كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، قالغان 80 كىشىنىڭ دېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيە راگۇسا جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر