تىللېرسون بىلەن لاۋروۋ سۈرىيەدە توقۇنۇشسىز رايون قۇرۇپ چىقىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدا سۈرىيەدە توقۇنۇشسىز رايون قۇرۇپ چىقىشقا ئالاقىدار كېلىشىم تۈنۈگۈن ئاستانادا ئىمزالانغان ئىدى.

726968
تىللېرسون بىلەن لاۋروۋ سۈرىيەدە توقۇنۇشسىز رايون قۇرۇپ چىقىش كېلىشىمىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشسىز  رايون قۇرۇلۇشى كېلىشىمىنى تېلېفوندا مۇزاكىرىلەشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تىللېرسون بىلەن لاۋروۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا تىللېرسوننىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لاۋروۋ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايدىغانلىقى، سۈرىيە مەسىلىسىدە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. 

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادىكى مۇزاكىرىلەردە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدا سۈرىيەدە توقۇنۇشسىز رايون قۇرۇپ چىقىشقا ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالانغان ۋە ئامېرىكىمۇ بۇ مۇزاكىرىگە ۋەكىل ئەۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر