مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاق لېنىيەلىك ئېچىپ بەردى

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 45 كۈندىن بۇيان تاقىلىپ تۇرغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئاي مىسىرغا ئالاھىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى.

726997
مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاق لېنىيەلىك ئېچىپ بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى غەززەگە قايتىدىغانلار ئۈچۈن 3 كۈنلۈك، تاق لېنىيەلىك شەكلىدە ئاچتى. 

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چېگرا ئېغىزى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، چېگرا ئېغىزىنىڭ 3 كۈنگىچە ئۇچۇق قالىدىغانلىقى، چېگرادىن كېسەللەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە تۇرۇش رۇخسىتى بولغان چەت ئەللىكلەرنىڭ غەززەگە ئۆتەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چېگرا ئېغىزى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىنسانپەرلىككە زىت ئەھۋاللار سەۋەبىدىن غەززەگە كېتىشنى ئىلتىماس قىلغان 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بارلىقىنى قەيت قىلىدى.  

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 45 كۈندىن بۇيان تاقىلىپ تۇرغان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئاي مىسىرغا ئالاھىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى 2013 - يىلى 3 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن غەززە چېگرا ئېغىزىنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن پات - پات قىسقا مۇددەتلىك ئېچىپ بېرىشنىمۇ يولغا قويۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر