يىلدىرىم مولدوۋادا قىزغىن قارشى ئېلىندى

باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ مولدوۋا زىيارىتى دۆلەت سارىيىدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئارقىلىق باشلاندى.

726674
يىلدىرىم مولدوۋادا قىزغىن قارشى ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم مولدوۋادا ئالدى بىلەن تۈرك كارخانىچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشقا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر تۇغرۇل تۈركەش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇئەززىنئوغلۇ، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

يىلدىرىم كېيىنچە مولدوۋا باش مىنىستىرى پاۋېل فىلىپ بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودون ۋە پارلامېنت باشلىقى ئاندرىئان جاندۇ تەرىپىدىن ئايرىم – ئايرىم قوبۇل قىلىنىدىغان باش مىنىستىر يىلدىرىم، سوتسىيالىست پارتىيەنىڭ رەھبىرى زىنايدا گرېكىئانى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ئەتە 4 – نۆۋەتلىك كۆك ئوغۇز قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۆك ئوغۇز ئاپتونوم رايونىغا ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر