سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب، لازىقىيە، ھەلەب، ھۇمۇس قاتارلىق بىر قىسىم ۋىلايەتلىرىدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

726444
سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىمزالانغان كېلىشىم قىزىق نۇقتا بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەردىن جەيشۇل ئىسلام ھەرىكىتى ئىراننىڭ ھامىي دۆلەت بولۇشىغا قارشى چىقتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر كېلىشىمنى قوللىدى.

تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسى بىلەن لازىقىيە،ھەلەب، ھاما، ھۇمۇس، شەرقىي گۇتا، دەرئا ۋە قۇنەيترا ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىنىدۇ.

بىخەتەر رايونلار 6 ئايلىق بەرپا قىلىنىدۇ، ناۋادا نارازىلىق بىلدۈرۈلمىگەن تەقدىردە  مۇددىتى ئاپتوماتىك ئۇزىرايدۇ.

بىخەتەر رايونلاردا 6-مايدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلۇشقا باشلىنىدۇ.

رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يولغا قويۇلۇشقا باشلىشى بىلەن، بۇ رايونلارنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئامېرىكا ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ نەتىجىسىدە توقۇنۇشلار ئاخىرلىشىدىغان رايونلارغا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلىپ، كۆزەتكۈچى ئەۋەتىلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇردى.

تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە بىردەك ماقۇللىغان ئۈچىنچى تەرەپمۇ كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر