ئامېرىكا قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

724941
ئامېرىكا قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى دۇنياۋى ھۇجۇم قوماندانلىقى بايانات بېرىپ، «Minuteman 3» ناملىق قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ۋاندېنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قورالسىز ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بومبىنىڭ 6759 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا يادرو كۈچىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بۇ سىناق، ئامېرىكا قورال سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق دەرىجىسى ۋە سەزگۈرلۈكىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەقسىتىدە 10 ئايدىن بۇيان پىلانلىنىپ كېلىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 12874 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىغان 450 ئەتراپىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر