سۈرىيەنىڭ ئەزىز ناھىيەسىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئەزىز ناھىيەسى ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

724863
سۈرىيەنىڭ ئەزىز ناھىيەسىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئەزىز ناھىيەسىدە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 4 ئادەم ئۆلدى.

ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان  ئەزىز ناھىيەسىنىڭ مەركىزىدىكى مەيتەم جامەسىگە يېقىن جايغا توختىتىپ قويۇلغان بىر بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە يەنە 4 كىشى يارىلاندى.

سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى جەۋاد ئەبۇ ھاتاب ۋەقە ئەسناسىدا سۈرىيەدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئەزىز ناھىيەسىدە يىغىنىمىز بار ئىدى، بىراق بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ يىغىنى باشقا جايدا ئاچتۇق، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا خىزمەتچى-خادىملارلا بار ئىدى، بىنايىمىز زىيانغا ئۇچرىمىدى، ھۇجۇمنى كىمنىڭ سادىر قىلغانلىقى توغرۇلۇق قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق.»

پارتلاشتىن كېيىن مەيتەم جامەسىنىڭ تاملىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، يېقىن ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئاپتوموبىللار كۆيۈپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر