ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىسپاتلاندى

بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت دەپ قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

723805
ئەسەد قىسىملىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىسپاتلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ دېكابىر ئېيىدىن بۇيان 4 قېتىم خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

مەركىزىي ئىشخانىسى نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، سۈرىيە ۋە رايوندىكى دۆلەتلەردە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەر، رايون خەلقىدىن ئىگىلىگەن رەسىم ۋە ۋىدېئوللار... دېگەندەك بەزى دەلىللەرنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشى دىرېكتورى كېننېت روت تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلدى.

كېننېت روت ئەسەد قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە قۇرۇغلۇق قىسملىرى ئارقىلىق 4 مەركەزگە خىلور ۋە سارىن گازى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 – ئاپرىلدىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنىڭ نىشانى بولغان ئىدلىبكە قاراشلىق شەيخۇندىن باشقا يەنە دەمەشىق، ھاما ۋە ھەلەپنىڭمۇ خىمىيەلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كېننېت روت مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت دەپ قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى ئەترىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر