بەششار ئەسەد ھەلەبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئۇۋەيجىل يېزىسىغا قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا، 18 بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

723655
بەششار ئەسەد ھەلەبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ھەلەب پۇقرالار مۇداپىئە مەسئۇلى مۇھەممەد ھاللاك تۈنۈگۈن (30-ئاپرېل) كەچتە ئۇۋەيجىل يېزىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «قۇتقۇزۇش ۋە ئىزدەش خىزمەتلىرىمىز بۈگۈن (1-ماي) ئەتىگەن ئاخىرلاشتى. ھۇجۇمدا توققۇز كىچىك بالا، تۆت ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 18 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە بىر ئايال ھايات قالدى» دېدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ بەششار ئەسەد كۈچلىرى تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھاللاك، يارىلانغان تۆت ئادەمنىڭ دوختۇرىانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر