ئىككى باش ۋەزىر ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابىنىڭ ئۇچرىشىشى تولىمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

722837
ئىككى باش ۋەزىر ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن يېڭى شېرىكلەرنى ئىزدىمەكتە.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مەي ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن كۆرۈشتى.

تېرېسا مەي ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخباراتچىلارغا بايانات بېرىپ، ياپونىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن «برېكسىت» مۇزاكىرىلىرى، ئۆزئارا سودا مۇناسىۋەتلىرى، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەنگلىيەنىڭ باياشاتلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئۇچرىشىشتا بۇ ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كەچەيتىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

تېرېسا مەي «ياپونىيە ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن شېرىكىمىزدۇر. ھەر ئىككى دۆلەت رايون خاراكتېرلىق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىمۇ ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە» دېدى.

 

ئەنگلىيەدە ئىيۇن ئېيىدا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. ياۋروپا ئىتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان «برېكسىت» مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا سەلەبىي تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە.

ئەنگلىيە رەھبەرلىرى بولۇپمۇ ياپونىيە ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ ئەنگلىيەدىكى مەبلەغلىرىنى «برېكسىت» مۇزاكىرىلىرىدىن كېيىن كاپالەتكە ئېگە قىلىشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر