ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتى تاماملاندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتى ئالېكساندېر ئاكوستانىڭ ئەمگەك مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىش قارارنامىسىنىڭ پالاتا تەرىپىدىن ماقۇللىنىشىدىن كېيىن تاماملاندى.

722252
ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتى تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالېكساندېر ئاكوستا ئامېرىكا پالاتاسىدىكى ئاۋازغا قويۇشتا 38 پالاتا ئەزاسىنىڭ رەت قىلىپ، 60 پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللاپ ئاۋازى بېرىشىگە ئېرىشتى.

ئىلگىرى جۇرج بۇش دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئاكوستا دونالد ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىدىكى پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشنى كۈتۈۋاتقان ئاخىرقى شەخس ئىدى.

15 كىشىدىن تەشكىل تاپقان ئىچكى كابېنت ئاكوستانىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 100 كۈنلۈك مۇددىتى توشماستىن تاماملانغان بولدى.

ئاخىرقى قېتىم فلورىدا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنچىلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئاكوستا، ترامپنىڭ ئىچكى كابېنتىدىكى بىردىنبىر «ھىسپانىك» نامزات ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

دونالد ترامپنىڭ ئەمگەك مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ئىككىنچى نامزاتى بولغان ئاكوستانىڭ بۈگۈن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىشى كۈتۈلمەكتە.

ترامپنىڭ تۇنجى ئەمگەك مىنىستىرى نامزاتى ئاندرېۋ پۇزدېر بولسا خىزمەت ۋە خۇسۇسىي ھاياتىغا ئالاقىدەر تەنقىدلەر ئارقىلىق كۈچىيىپ كەتكەن مۇخالىپەتچىلىك سەۋەبىدىن نامزاتلىقدىن چېكىنگەنىدى.

پۇزدېرغا قارىتىلغان مۇخالىپەتچىلىكتە، ئۇنىڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى چىقىشى ۋە قانۇنسىز ئىشچى ئىشلىتىشتىن سىرت يەنە، بۇرۇنقى خوتۇنىغا قىلغان زوراۋانلىق دەۋالىرى مۇھىم رول ئوينىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر