شىۋېتسىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپەيدى
شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن يۈك ئاپتوموبىللىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5 كە يەتتى.
722490
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستوكھولم شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن يۈك ئاپتوموبىللىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا يارىلانغان 60 ياشلىق ئايالنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن 5 كە يەتكەن.
پايتەخت ستوكھولم شەھەر مەركىزىدە 7 ئاپرېل قاتناشقا تاقاق دروتنىڭ كوچىسىدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 15 ئەتراپىدا يۈك ئاپتوموبىللىق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن، شىۋېتسىيە ساقچى تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ 39 ياشلىق تېگى ئۆزبېك رەھمەت ئاقىلوۋ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.