چاۋۇشئوغلۇ مالتادا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مالتادا زىيارەتتە بولىدۇ.

722209
چاۋۇشئوغلۇ مالتادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ يىغىنغا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى ۋەكىلى ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرېدېرىكا موغېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسى مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ۋېللانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قاتنىشىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنى قايتىدىن كۆزىتىش باسقۇچىغا داخىل قىلىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىشىدىن كېيىن چاقىرىلىدىغان يىغىندا، ئالدى بىلەن تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىندا يەنە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ مالتا زىيارىتى جەريانىدا ئىكىكى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر