سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا چوڭ پارتلاش يۈز بەردى.

721435
سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە چوڭ پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارتلاشتىن كېيىن رايوندا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

لىۋان تاراتقۇلىرى پارتلاشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندا ھىزبۇللاھقا ئائىت بىر قورال - ياراغ ئىسكىلاتى ئۇدا 5 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى بولسا پارتلاش توغرۇلۇق بىر نەرسە دېمەيدىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى يىسرائىل كاتز «قازا» دەپ ئاتىغان پارتلاشنىڭ، دۆلىتىنىڭ ئىراننىڭ قورال - ياراغ يۆتكەش پائالىيىتىنى توختىتىش سىياسىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  

ئىسرائىلىيە ئىلگىرىمۇ سۈرىيەنىڭ لىۋانغا قورال - ياراغ يۆتكىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەمەشق ئايرودۇرۇمى ئەتراپىغا ۋە دەمەشق – بېيرۇت دۆلەتلىك تاش يولىغا ئۇدا بىرقانچە قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر