ھېكمەتيار ئافغانىستانغا قايتتى

ئافغانىستاندىكى قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن بىرى بولغان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى گۇلبەددىن ھېكمەتيار دۆلىتىگە قايتتى.

721788
ھېكمەتيار ئافغانىستانغا قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام پارتىيەسى باياناتچىسى ھەشمەتۇللاھ ئەرشاد، ھېكمەتيارنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان لاغمان ۋىلايىتىدە ئىكەنلىكىنى، ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان داغدۇغىلىق بىر مۇراسىمدا خەلق بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرشاد، ھېكمەتيارنىڭ لاغماندىن نانگارھارغا بېرىپ، ئۇ يەردىن پايتەخت كابۇلغا بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئافغانىستان تۈرمىلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دەسلەپكى تۈركۈمىنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن ئىسلام پارتىيەسى رەھبىرى ھېكمەتيار ئۆتكەن يىلى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم گۇلبەددىن ھېكمەتيار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خەلقئارا قارا تىزىملىكتىن چىقىرىلىشى، كابۇلدا بىخەتەر ھايات كەچۈرەلىشى ئۈچۈن، ئايرىم بىر ھەربىي رايون تەسىس قىلىنىشى، دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە قاماقتا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق نۇقتىلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئىسلام پارتىيەسى 14 يىلدىن بۇيان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قېتىم كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە چەت ئەللىكلەرگە قارشى ھۇجۇملارنى سادىر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر