سۈرىيەدە يەنە پۇقرالار بومباردىمان قىلىندى

سۈرىيەنىڭ دۇۋەيلە يېزىسى ئاھالىسى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغان تەرەپ ياكى تەرەپلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

719960
سۈرىيەدە يەنە پۇقرالار بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ دۇۋەيلە يېزىسىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 15 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 كىشى يارىلاندى.

ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ كەفەر تەھارىم ناھىيەسىدىكى بىر سەھرا دوختۇرخانىسىغا قارىتىلغان بۈگۈن سەھەردىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. بىراق، دوختۇرخانا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، پايدىلانغىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋەيران بولدى.

ھاۋا ھۇجۇمىنى قايسى تەرەپنىڭ قىلغانلىقى ھازىرغىچە جەزملەشتۈرۈلەلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر