پاكىستاندا ئاپتوموبىل بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
پارتلاشتا ئايال ۋە كىچىك بالىلار نىمۇ قوشقاندا جەمئىي 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
719831
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ پاراچىنار شەھىرىدە يول ياقىسىغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل بومبا پارتلاپ 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئارىسىدا 1 ئايال ۋە 2 كىچىك بالىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
پارتلاشتا يەنە، 13 كىشى يارىدار بولدى.
بۇ رايون ئۇزۇندىن بۇيان تەرىقەتچىلەرنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا تۇرماقتا.