ماۋزېدوڭچى كوممۇنىستلارنىڭ زوراۋانلىقى ئەۋج ئالماقتا

ھىندىستاندا ماۋزېدۇڭچى كوممۇنىست ئىسيانچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بارغانچە كۈچەيمەكتە.

720062
ماۋزېدوڭچى كوممۇنىستلارنىڭ زوراۋانلىقى ئەۋج ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق تور گېزىتلىرىدىن «haber7»، ھىندىستاندىكى ماۋزېدۇڭچى ئىسيانچىلارنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گېزىت بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى.

ھىندىستاننىڭ چاتتىسگارلى ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇكما شەھىرىدە تۈنۈگۈن (24–ئاپرېل) ماۋزېدۇڭچى كوممۇنىست ئىسيانچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى.

ماۋزېدۇڭچى كوممۇنىست قوراللىق كۈچلەر چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلىنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئوققا تۇتتى.

يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 24 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئالتە ساقچى يارىدار بولغان.

ساقچى مەسئۇلى ئانان چابرا باياناتىدا: «ھازىرغىچە 24 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئۆتكەن ئايلاردىمۇ ماۋزېدۇڭچى كوممۇنىست قوراللىق كۈچلەر ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ھۇجۇمدا 12 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر