لېپېن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ

فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان مارىنې لېپېن مىللىي ئالدىنقى سەپ پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

720190
لېپېن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لېپېن «‹ France 2› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا،  «مىللىي ئالدىنقى سەپ پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلدىم» دېدى.

بىرىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنت سايلىمىدا 24.01 ئاۋازغا ئېرىشكەن يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېممانۇئېل ماكروندىن كېيىن % 21.3 ئاۋازغا ئېرىشكەن لېپېن، بۇنىڭدىن كېيىن چۈشەنچە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مارىنې لېپېن 2011 – يىلى يانۋاردا دادىسىدىن مىللىي ئالدىنقى سەپ پارتىيەسى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن پارتىيەسىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرغانىدى.

2015 – يىلقى رايونلۇق سايلاملاردا تەخمىنەن % 6.8 مىليون ئاۋازغا ئېرىشىپ، نوپۇزىنى كۈچەيتكەن لېپېن بىرىنچى باسقۇچلۇق پىرېزىدېنت سايلىمىدا 7.6 مىليون سايلىغۇچىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەنىدى.

ئۇنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئايرىلىش قارارى ئېلىشى، 7 – ماي كۈنى يۈرۈش ھەرىكىتى رەھبىرى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا ئوخشىمىغان تەرەپلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش تىرىشچانلىقى دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر