چىلىدە 7.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن چىلىدە 7.1 بال تەۋرەشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

719827
چىلىدە 7.1 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن چىلىدە رىچتېر ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن 7.1 بال تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.

يەر تەۋرەش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان زىيانلارنىڭ سەۋەبى ھازىرچە نامەلۇم.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى  چىلىنىڭ پورت شەھىرى ۋالپارىسودا كۆرۈلگەن يەر تەۋرەشنىڭ يەر ئاستىنىڭ  9.8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار مەسئۇللار دېڭىز تاشقىنى ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا رايون خەلقىدىن تارقاقلىشىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر