بىرخەلقئارالىق قۇرۇلۇش-بىنكارلىق شىركىتىنىڭ دائېش بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئاشكارىلاندى

فىرانسىيە-شىۋېتسارىيە ھەمكارلىقىدىكى قۇرۇلۇش-بىنكارلىق شىركىتى لافارج-ھولسىمنىڭ دائېش بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

720019
بىرخەلقئارالىق  قۇرۇلۇش-بىنكارلىق شىركىتىنىڭ دائېش بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا قۇرۇلۇش-بىنكارلىق ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مەلۇم بىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

فىرانسىيە-شىۋېتسارىيە ھەمكارلىقىدىكى قۇرۇلۇش-بىنكارلىق شىركىتى لافارج-ھولسىمنىڭ باش دېرىكتورى سۈرىيەدە دائېش بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

لافارج-ھولسىم گۇرۇھى 2010-يىلى سۈرىيەدە سېمونت زاۋۇتى ئاچتى.

2013-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش زاۇۋت ئېچىلغان رايوننى تارتىۋالدى.

شىركەت زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان سېمونتلارنى تېررورچىلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى كونترول ئېغىزلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دائېشقا زور مىقداردا پۇل بەردى.

بۇ شىركەت يەنە ئېھتىياجلىق نېفىتنى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى نېفىت بازىلىرىدىن سېتىۋالدى.

بۇ سەتچىلىك فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىركەت مەسئۇللىرى سۈرىيەدىكى تېررورچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى ئىقرار قىلىشتى.  

شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىغىنىمىزدا، زاۇۋتتا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن تېگىشلىك شارائىتلارنى بۇ تەرىقىدە بەرپا قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر