مىسىر بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

مىسىر بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ھەربىي مانىۋېرئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

718939
مىسىر بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىزىل دېڭىزدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

مىسىر ئارمىيە بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ قىزىل دېڭىزدا«بۈركۈتنىڭ سالامى 2017»ناملىق ھەربىي مانىۋېرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ھەربىي مانىۋېردا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بەھرەيىن، كۇۋەيت، پاكىستان ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېرنىڭ قېرىنداش ۋە دوست دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە ھەربىي ساھەدىكى تەجرىبىلەرنى ئۆز-ئارا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي مانىۋېرلار دائىرىسدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھەربىي مانىۋېرنىڭ ئامېرىكا بىلەن مىسىر ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىلغار تېخنولوگىيەلەرنى تەدبىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر