گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلى يەنە مۇساپىر پاجىئەسىگە سەھنە بولدى

گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىدا كۆپ قىسمى سۈرىيەلىك بولغان مۇساپىرلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە چۆكۈپ كەتتى.

719232
گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلى يەنە  مۇساپىر پاجىئەسىگە سەھنە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىدا مۇساپىرلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە چۆكۈپ كەتتى.

ئافېنا خەۋەر ئاگېنتلىقى ئەڭ ئاز بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. جەسەتلەر ئارالنىڭ شىمالىي ساھىلىدىن تېپىلدى.

مۇساپىرلار ئاسسوستىن مىدىللىغا قاراپ ھەرىكەت قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بۇلتۇر باھاردا تۈزۈلگەن كۆچمەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە گىرېتسىيە يۆنىلىشىنىڭ كۆپ قىسمى تاقىۋېتىلدى، بىراق ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 60 كىشى گىرېتسىيە ئاراللىرىغا كېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 3629 كۆچمەن تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە كەتكەن، كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى سۈرىيەلىك ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر