داغىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيەگە قاراشلىق شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيەتلىرىدىن داغىستاندا بىر مەكتەپتە مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا بىر ئوقۇغۇچى قازا قىلدى.

719490
داغىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داغىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تسۇمادىنسكى رايونىغا جايلاشقان بىر مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر سىنىپىدا قول بومبىسى پارتلاپ، 3 ئېغىر، 11 ئوقۇغۇچى يارىلانغان، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مىنىستىرلىقنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پارتلاشقا دىققەتسىز قورال ئىشلىتىش سەۋەب بولغان بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرى شامىل ئاباكاروۋ بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپكە ئەكەلگەن قول بومبىسىنى پارتلاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر