رۇسىيە شىمالىي كورېيە چېگراسىغا قوشۇن ئەۋەتتى

رۇسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغاش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئېھتىيات يۈزىسىدىن شىمالىي كورېيە چېگراسىغا ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتتى.

718001
رۇسىيە شىمالىي كورېيە چېگراسىغا قوشۇن ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئەتىگەن ئوتتۇرىغا چىققان كۆرۈنۈشلەردە، موسكۋانىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 11 مىل ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا لىنىيەلىرىگە ھەربىي قىسىملار ۋە لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ.

رايوندىن كەلگەن تۇنجى فوتو سۈرەتلەر ۋلادىۋوستوكتىن قوزغالغان 3 پويىزنىڭ مىڭلارچە ئەسكەر ۋە تانكىنى رايونغا يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

« Daily Mail» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەربىي مۇداخىلە قىلغان تەقدىردە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قورقىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىغا 150 مىڭ ئەسكەر ئەۋتىشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشقان.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇش پارتلىغان تەقدىردە چېگرا رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.

خىتاي رەسمىي گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «‹ Global Times› گېزىتى» ئارقىلىق ۋاشىنگتوننى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

كوممۇنىست پارتىيەنىڭ بۇ گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: «ھەقىقەت شۇكى، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ترامپ يالغان خەۋەرلەرنى بىرلىكتە ئويدۇرۇپ چىقتى. ئامېرىكا تارىخىدىكى ناھايتى ئاز كۆرۈلىدىغان سەتچلىكلەردىن بىرى بولغان بۇ ھادىسە ترامپنىڭ نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزدى.»

ۋاشىنگتوننىڭ ئىتتىپاقدىشى جەنۇبىي كورېيەمۇ ترامپنىڭ پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيەدە چىقىدىغان گېزىتلەر، «كارل ۋىنسون يالغانلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋەرلىرىدە، ترامپنىڭ ھەرىكىتىنى شىمالىي كورېيەنىڭ يالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا ئوخشاتتى.

ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇش مەقسىتىدە 8 – ئاپرېل كۈنى « USS Carl Vinson» ناملىق ئاۋىياماتكىسىغا غەربىي تىنچ ئوكيانغا يۈرۈش قىلىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەن، بىراق ئاۋىياماتكىنىڭ دەل ئەكسى تەرەپكە يۈرۈش قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر