«ئىران رايونلۇق تەھدىت»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن ئىراننىڭ رايونلۇق تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

716988
«ئىران رايونلۇق تەھدىت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىللىرسۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران سىياسىتىنى كەڭ دائىرىدە كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى، يادرو كېلىشىمىنىڭ بۇ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى نىشانىغا يېتەلمىدى. بىز ۋاشىنگتون – تېھران مۇناسىۋەتلىرىگە پەقەت يادرو كېلىشىمى نۇقتىسىدىنلا قارىمايمىز. دەرۋەقە، ئىران رايونلۇق تەھدىتتۇر.»

ئىراننى شىمالىي كورېيەگە ئوخشاتقان تىللىرسۇن، تېھران ھۆكۈمىتىنى كونترول قىلغىلى بولمىسا يېڭى بىر شىمالىي كورېيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىشىكىنى تاقىۋەتمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كېيىن ئىستىراتېگىيەلىك سەۋر – تاقەتمۇ قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن تىللىرسۇن، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەدە بەششار ئەسەد، ئىراقتا شىئە گۇرۇپپىلار، يەمەندە ھۇسىيلارغا ياردەم بېرىپ، رايونلۇق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورغا ياردەم بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغان ئىران نۇرغۇن جايلاردا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىغا زىيان يەتكۈزمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر