«رايونلۇق سۈركىلىشنى پەسەيتىش شىمالىي كورېيەگە باغلىق»

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى سەۋەبىدىن ئەۋج ئېلىپ كەتكەن سۈركىلىشنى پەسەيتىشنىڭ شىمالىي كورېيەگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

717101
«رايونلۇق سۈركىلىشنى پەسەيتىش شىمالىي كورېيەگە باغلىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنى ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ھېيلى، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «شىمالىي كورېيەنىڭ بىزنىڭ ئۇرۇش قوزغاشنى خالىمايدىغانلىقىمىزنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇڭا شىمالىي كورېيە بىزنى كۈچ ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلماسلىقى كېرەك، دەرۋەقە، توپ ئۇلارنىڭ ساھەسىدە، بۇ نۇقتىدا دىققەت قىلىشى لازىم» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس بولسا، «شىمالىي كورېيەنىڭ پەقەت رايوننىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بولماسلىقى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز» دېدى.

گۇتتېررېس شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە يادرو پىروگراممىلىرى ئارقىلىق خەلقئارالىق تەھدىت شەكىللەندۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تەرىپىدىن ھازىرلانغان ۋە خىتايمۇ قوللىغان، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق يادرو سىنىقىنى ئەيىبلىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرىنى توختىتىشى» تەلەپ قىلىنغان باياناتقا رۇسىيە ئېتىراز بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر