گېرمانىيە – فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىرى

گېرمانىيە – فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىرى يېشىلدى.

717382
گېرمانىيە – فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ساھەسىگە ئايلىنىپ قالدى. ياۋروپا ئەللىرىدە بۇ تەشكىلاتلار مەخپىي ياكى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا قوللاش ھەم ياردەمگە ئېرىشمەكتە.

گېرمانىيە بولسا بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا. بولۇپمۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن تولۇق مەنىدە بىر بازىغا ئايلانماقتا. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تېررور يۈزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «گېرمان دىيالوگ مۇكاپاتى» نىقابى ئاستىدا گېرمان خەلقىنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىگە دىيالوگ مۇكاپاتلىرى تارقاتماقتا ھەمدە بۇ مۇكاپاتلار سايىسىدا گېرمانىيەدىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە، بۇنى ئىشقا سېلىپ دۆلەتتىكى مۇھىم ئورۇنلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بىيۇروكراتىيە جەھەتتىن دۇچ كەلگەن توسالغۇلارنى بىر تەرەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر