ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رۇسىيەنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇردى
ئامېرىكىنىڭ ئىككى دانە F-22 Raptor تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئالاسكا ئەتراپىدا رۇسىيەنىڭ ئىككى دانە TU-95 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىغا تاقابىل تۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالاسكا رايونىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىگە يېقىنلىشىشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مىنىستىرلىقنىڭ تىنچ ئوكيان قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىلىرىدىن مايور گەرى روس بۇ ۋەقەنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئالاسكانىڭ كودىئاك ئارىلىنىڭ 160 كىلومېتىر يىراقلىقىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئايروپىلاندىن ئايروپىلانغا سىمسىز تېلېگراف ئالاقىسى قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن روس، «شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى كۆزىتىۋاتقان شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئەسى قوماندانلىق ئىشتابى ھەمىشە ھاۋا ساھەمىزنى قوغداشقا تەييار ھالەتتە تۇرماقتا» دېدى.
ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 2015 – يىلى ئىيۇل ئېيىدىمۇ كالىفورنىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ساھەسىگە يېقىنلاشقان رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرغانىدى.