ئامېرىكىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا يوللىغان ئاۋىياماتكىسى قەيەردە؟

شىۋېيىتسارىيە تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا يوللىغان ئاۋىياماتكىسىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

716173
ئامېرىكىنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا يوللىغان ئاۋىياماتكىسى قەيەردە؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا قارشى شەرقىي خىتاي دېڭىزىغا يوللىغان ئاۋىياماتكىسى «USS Carl Vinson»نىڭ تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

شىۋېيىتسارىيەنىڭ «SVT» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنى مەتبە قىلىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىغا شىمالىي كورېيەگە قاراپ يولغا چىقىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن چاغدا «USS Carl Vinson» ئاۋىياماتكىسى ۋە ھەمراھلىقىدىكى پاراخوتلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە تەتۈر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقى، بۇرۇنقى پىلانغا بىنائەن ئاۋستېرالىيە دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مانىۋېرغا قاتنىشىش ئۈچۈن سۇندا بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ھىندى ئوكيانغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە «USS Carl Vinson» ئاۋىياماتكىسىنىڭ فېسبۇك ھېسابىدا، شىمالىي كورېيەدىن 590 دېڭىز مىلى ئۇزاقلىقتىكى جاۋا ۋە ھىندونېزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلىدىكى سوندا بوغۇزىدىن ئۆتۈۋاتقان رەسىملىرى بارلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بولسا 8 – ئاپرىلدا غەربىي تىنچ ئوكياندا ئۇرۇشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن تەدبىر سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن «USS Carl Vinson» ئاۋىياماتكىسىنىڭ رايونغا كېلەر ھەپتە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيەسى قوماندانلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «USS Carl Vinson» ئاۋىياماتكىسىنىڭ سىنگاپوردىن ياپونىيە دېڭىزىغا ساياھەتكە ماڭغانلىقىنى، ساياھەت جەريانىدا بەزى يەرلەردە توختىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، سىنگاپوردىن چىققاندىن كېيىن سوندا بوغۇزى ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا يۈزلەنگەن ئاۋىياماتكا ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاۋستېرالىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا بۇرۇنلا پىلانلانغان مانىۋېرنى تۈگۈتۈپ بولغانلىقى، ئاندىن 8 – ئاپرىلدا غەربىي تىنچ ئوكيانغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى  ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان ئارمىيەسى قوماندانلىقى،  «Aegis» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا ئىگە بىر ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان «USS Carl Vinson» ئاۋىياماتكىسى ۋەزىپە ئۆتەش گۇرۇپپىسىغا 8 – ئاپرىلدا ئۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە مەۋجوتلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەدبىر سۈپىتىدە غەربىي تىنچ ئوكيانغا ئاتلىنىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ رايونغا دېڭىز ئارمىيە قىسىمىنى يوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر