ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە بىر-بىرلىرىگە دۇئېل ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ بىر-بىرلىرىگە دۇئېل قىلىشى كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە.

714920
ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە بىر-بىرلىرىگە دۇئېل ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى بارغانچە كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر-بىرلىرىگە دۇئېل ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايىك پېنس «شىمالىي كورېيەگە ھازىرغىچە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئىستىراتېگىيەلىك سەۋرىمىز ئاخىرلاشتى»دېدى.

شىمالىي كورېيە بۇنىڭغا قارىتا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى.  

شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كىم ئىن رىيوڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە، تېرمويادرو ئۇرۇشى يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن، شىمالىي كورېيە ئامېرىكا قوزغايدىغان ھەر قانداق ئۇرۇشقا تەييار.»

كىم ئىن رىيوڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 28-ئاپرېلدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرۇلۇق مەخسۇس يىغىن چاقىرىش قارارىنىمۇ تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكا، بۇ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانماقتا. ئامېرىكا قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرىغا ئوخشاش ئىگىلىك ھوقۇق جەھەتتە مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋاتىدۇ.»

شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كىم ئىن رىيوڭ ھەربىي تەھدىتلەرگە قارشى قوراللىنىشنى ۋە يادرو سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر