رۇسىيەدە مېترو ئىستانسىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىدىن بىرى قولغا چۈشتى

رۇسىيەدە سائىنت پېتېرسبۇرگ مېترو ئىستانسىسىغا قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمنىڭ پىلانغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بىر گۇماندار قولغا چۈشتى.

715095
رۇسىيەدە مېترو ئىستانسىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىلىرىدىن بىرى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە 3-ئاپرېلدا سائىنت پېتېرسبۇرگ مېترو ئىستانسىسىغا قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمنىڭ پىلانغۇچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بىر شەخس قولغا چۈشتى.

رۇسىيە فېدراتىپ خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېترو ھۇجۇملىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە،   بومبىلىق ھۇجۇمنىڭ پىلانغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان 27ياشلىق ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئابرور ئەزىموۋ پايتەخت موسكۋاغا يېقىن جايدا قولغا چۈشكەن ۋە سوراق ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

سائىنت پېتېرسبۇرگ مېترو ئىستانسىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 51 كىشى ئۆلۈپ، 40تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ 22 ياشلىق ئەكبەرجان جەلىلوۋ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر