دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى بىر ناھىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سۈرىيەنىڭ شەرقىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى بۇكەمال ناھىيەسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 10 ئادەم ئۆلدى.

715306
دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى بىر ناھىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شەرقىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى بىر ناھىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 10 كىشى ئۆلدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئېلىپ بارغان.

مەركىزى لوندوندا بولغان سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش مەركىزى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇكەمال ناھىيەسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئايال ۋە بالىلاردىن سىرت 3 نەپەر دائېش مىلىتانىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۆكتىچىلەر بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز 4 بىنا ۋەيران بولغان ۋە  نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن دائېشنىڭ رايوننىڭ كىرىش ئېغىزلىرىنى پۈتۈنلەي ئېتىپ تاشلاپ، بارلىق ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئۈزۈۋېتىشى سەۋەبىدىن توغرا ۋە ئىشەنچىلىك مەلۇماتقا ئېرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئىدلىب ۋە ھەلەب ناھىيەلىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كۆپىنچىسى بالا بولۇپ جەمئىي 15 كىشى ئۆلگەن.

ئۆكتىچىلەر  ھۇجۇمنى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ۋاكۇم بومبىسى ئىشلىتىپ ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر