بىرمادىكى سۇ بايرىمىدا يۈزلەرچە ئادەم ئۆلدى

بىرما يېڭى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 كۈنلۈك تىڭيان سۇ بايرىمىدا 285 ئادەم ئۆلدى، 1073 ئادەم يارىلاندى.

715126
بىرمادىكى سۇ بايرىمىدا يۈزلەرچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە، بىرمادا بايرام جەريانىدا سادىر قىلىنغان جىنايى قىلمىشلار ۋە مەيدانغا كەلگەن قازالار سانىنىڭ 1200 گە يەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ 285 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى، 1073 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەرلەردە يەنە، ئۆتكەن يىلقى بايرام جەريانىدا 967 جىنايى قىلمىش سادىر بولۇپ، 272 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان ھالدا، بۇ يىل ئۆلگەنلەرنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىرمادا «تىڭيان»؛ تايلاند ۋە لائوستا «سوڭكران»؛ كامبودژادا بولسا، «چھنام تمېي» دەپ ئاتىلىدىغان بايرام جەريانىدا شەھەر ۋە يېزىلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەر سۇ تاپانچىسى، چېلەك ۋە تۇرۇبىلار بىلەن بىر – بىرىگە سۇ چېچىپ ھۆل قىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق «ئارقىدا قالغان يىلنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش» قا تىرىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر