سۈرىيەدە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇچرىشىشلار داۋاملاشماقتا

سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدىكى تۆت رايوندىن جەمئىي 7350 ئادەم چىقىرىلغاندىن كېيىن، يېڭى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەربىي ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىشلار داۋاملاشماقتا.

714590
سۈرىيەدە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇچرىشىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15-ئاپرېل دەمەشىق شەھىرىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى مادايا ۋە زەبادانىدىن جەمئىي 2350، ئىدلىبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ بەششار ئەسەد قىسىملىرىنى قورشاۋغا ئالغان فۇئا بىلەن كەفرەيادىن 5 مىڭ پۇقرا ۋە ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا تارقاقلاشتۇرۇلدى. تارقاقلاشتۇرۇلغانلار بىخەتەر رايونغا يېتىپ باردى.

ئۆكتىچىلەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتىنىڭ فۇئا بىلەن كەفرەيادا قالغان 10 مىڭ ئادەمنى تارقاقلاشتۇرۇش تەلىپىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئەمەلگە ئاشسا شىئە نوپۇس ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئىككى رايون بوشىتىلغان بولىدۇ. ئۆكتىچىلەر بولسا، بۇنىڭغا قارىتا مادايادا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان 4 مىڭ ئادەمدىن چىقىشنى خالىغانلار ۋە زەبادانىدا قالغان 150 قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ چېكىنىشىگە رۇخسەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىنلىك مۇساپىرلار پاناھلىنىۋاتقان يەرمۇق لاگېرىدىن پۇقرالار بىلەن قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 1000 ئادەمنى چىقىرىش ھەمدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 1500 مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىمۇ، ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلەپلىرى ئارىسىدا.

14-ئاپرېل تۆت رايوندىن چىققان ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى، ھەلەبتە ئۆكتىچىلەر تۇرۇۋاتقان راشىدىن مەھەللىسىدە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ رامۇسە مەھەللىسىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئۇزۇنغىچە ئۆزئارا ساقلىتىپ قويۇلغان ئىدى. بۇنىڭغا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ فۇئا بىلەن كەفرەيادىن تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ چىقىرىلىشى توغرىسىدىكى بېسىمى سەۋەب بولغان ئىدى.

بۇ جەرياندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى رايوندىن چىققان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا، فۇئا ۋە كەفرەيالىق پۇقرالار، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىزىلئاي جەمئىيىتى خىزمەتچىلىرى، ئاپتوموبىل ئەترىتىنى قوغداۋاتقان قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى مەزكۇر ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ھازىرچە ھۇجۇمغا ھېچقانداق تەشكىلات جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر