شىمالىي كورېيەنىڭ «كاتتا ۋە مۇھىم ئىشى» نىڭ سىرى يېشىلدى

شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان 200 چەت ئەل ئاخبارات مەنسۇبىغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، دەبدەبە قىلغان ئىشىنىڭ «سىرى» يېشىلدى.

712595
شىمالىي كورېيەنىڭ «كاتتا ۋە مۇھىم ئىشى» نىڭ سىرى يېشىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ تەۋەلىكىدە تۇرۇۋاتقان 200 چەت ئەل ئاخبارات مەنسۇبىغا تەكلىپنامە ئەۋەتىپ، ئۇلارنى «پەيشەنبە كۈنى كاتتا ۋە مۇھىم بىر ۋەقە» گە تەييارلىق كۆرۈشكەن چاقىرىشى دۇنيا مىقياسىدا قىزىقىش قوزغىغان، ھەتتا غەرب تاراتقۇلىرىدا «يېڭى بىر قورالنىڭ سىناق قىلىنىدىغانلىقى» قارىشىنى پەيدا قىلغانىدى. بىراق، مەزكۇر «كاتتا ۋە مۇھىم ئىش» نىڭ بىر ئاممىۋىي ئولتۇراق لايىھەسىنىڭ لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭ-ئۇن پايتەخت پيوڭياڭدىكى ريوميوڭ كوچىسىدا مەتبۇئات مەنسۇپلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا 5 يۈرۈشلۈك بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى. مۇراسىمغا ئون مىڭلارچە شىمالىي كورېيەلىك ئىشتىراك قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر 5 مىڭ يۈرۈشلۈك ئۆي موھتاجلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

«يورۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ريوميوڭ كوچىسى لايىھەسى پيوڭياڭنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى لايىھەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر