مىسىردىكى ئادەم بومبىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

جىنايەتچىنىڭ كىملىكى «DNA» تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.

712197
مىسىردىكى ئادەم بومبىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا يەكشەنبە كۈنى 2 چىركاۋغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغۇچىلاردىن ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى ئادەم بومبىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاندى.

ھۇجۇمچىنىڭ 31 ياشلىق مەھمۇد ھەسەن مۇبارەك ئابدۇللاھ ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

جىنايەتچىنىڭ كىملىكى «DNA» تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. ئۇنىڭ 1986 – يىلى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى كىنا ئۆلكىىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئابدۇللاھنىڭ بىر نېفىت شىركىتىدە ئىشلەيدىغانلىقى ۋە تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى قەيت قىلىندى.

مىسىردا يەكشەنبە كۈنى بىرنچى بولۇپ تانتا شەھىرىدە بىر چىركاۋدا پارتلاش يۈز بەرگەن ۋە 50 كە يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 100 ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

پارتلاشتىن بىر قانچە سائەت كېيىن ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىمۇ بىر چىركاۋ ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

چىركاۋنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 16 كىشى ئۆلۈپ، 41 كىشى يارىدار بولغان ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر