دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتىس بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئىشىق، ۋاشىنگتوندا كۆپ ساندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى پاسسىپ سىياسىتى ئۆزگىرىدۇ دەپ قارىلىۋاتاتتى، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى.
ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتى ۋاشىنگتونغا مەركەزلەشتى.
مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولىدىغان ئىشىق، بۇ يەردە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.
فىكرى ئىشىقنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتىس بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيەنىڭ رەققە ۋە مۇىبىچ رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.
ئۇچرىشىشتا، ئىشىق تۈركىيەنىڭ ئۇدا 6 يىلدىن بۇيان ئىنسانىي تىراگېدىيە داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە تېپىلىشى ھەمدە رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سىلوۋېنىيە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدۇ
سىلوۋېنىيەنىڭ 13-ئىيۇنغىچە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشى كۈتۈلمەكتە.
ئافغانىستان ساقچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئافغانىستان بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ساقچى قازا قىلدى، بەش ساقچى يارىلاندى.