فىرانسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ئوت كەتتى

نۇرغۇنلىغان ياغاچ ئۆيلەر كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى. يۈزلىگەن پاناھلانغۇچى لاگېردىن بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلدى.

709942
فىرانسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ئوت كېتىپ، يۈزلىگەن پاناھلانغۇچىلار رايوندىكى تەنتەربىيە زالىغا يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى.

لاگېردا 1500 كىشىى بولۇپ، نامەلۇم سەۋەبتىن يۈز بەرگەن پىچاقلىق جېدەلدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ئەتراپنى ئوت يالقۇنى قاپلاپ كەتتى.

3 كىشى پىچاق بىلەن يارىدار بولۇپ بالنېتسقا ئېلىنغان جېدەلگە ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى. جېدەلدىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي لاگېرغا ئوت كەتتى.

ئوت ئوچۈرۈش ئەترىتى دەرھال ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. سۇنداقتىمۇ نۇرغۇنلىغان ياغاچ ئۆيلەر كۆيۈپ كۈل بولدى. يۈزلىگەن پاناھلانغۇچى لاگېردىن بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر