رۇسىيە ئىدلىبنىڭ بىر يېزىسىنى چاچما بومبىلارنى ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلدى

ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ پۇقرالار تۇرۇۋاتقان جاينى چاچما بومبا بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

708677
رۇسىيە ئىدلىبنىڭ بىر يېزىسىنى چاچما بومبىلارنى ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى ئۈزلۈكسىز بومباردىمان قىلىنماقتا؛ ئىدلىبنىڭ ئۇرۇم ئەلجوز يېزىسىغا قىلىنغان بومباردىماندا ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 18 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 25 پۇقرا يارىلاندى.

ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى ئەمەلدارى مۇستاپا راشىد، رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ يېزىنى چاچما بومبىلارنى ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بولسا، ھاما بازىرىنى 1980 – يىلى ب د ت  تەرىپىدىن پۇقرالارغا قارشى ئىشلىتىلىشى مەنئىي قىلىنغان ناپالم بومبىلىرى (قاتۇرۇلغان بېنزىن بومبىسى) بىلەن بومباردىمان قىلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىدلىبقا قاراشلىق خان شەيخۇن بازار مەركىزىگە قاراتقان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا 100 گە يېقىن پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 500 دەك ئادەم زەھەرلىك گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر