مىسىردا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

مىسىرنىڭ تانتا شەھىرىدىكى جورج چېركاۋىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا كەم دېگەندە 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 70 ئادەم يارىلاندى.

708825
مىسىردا ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تانتادىكى پارتلاشنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس؛ ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

چېركاۋنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش، خىرىستىيانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇددۇسقا كىرىشىنى تەبرىكلەش بايرىمىغا توغرا كەلدى. چېركاۋدىكى پارتلاشتىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن تانتادىكى بىر ساقچى مەركىزى بىناسىنىڭ يېنىدا ئىككىنچى بىر پارتلاش مەيدانغا كەلدى؛ پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

مىسىر ساقچى تارماقلىرى، ھەر ئىككى ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا دائېش بار، دەپ قارىماقتا.

بۇ ئىككى پارتلاشتىن كېيىن، قىبتىيلارنىڭ ئىسكەندەرىيەدىكى مارك چېركاۋىدىمۇ پارتلاش يۈز بەردى؛ مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، پارتلاشتا 2 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 21 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دېكابىر ئېيىدا قاھىرەنىڭ ئەڭ چوڭ قىبتى ئىبادەتخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 25 ئادەم ئۆلگەن، 49 ئادەم يارىلانغانىدى ۋە بۇ ھۇجۇم يېقىنقى يىللاردا مىسىردىكى خىرىستىيانلارغا قىلىنغان ئەڭ قانلىق ھۇجۇم، دەپ قارالغانىدى.

قىبتى خىرىستىيانلىرى 85 مىليونغا يېقىن مىسىر نوپۇسىنىڭ %10 نى تەشكىل قىلىدۇ.

تۈركىيە مىسىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «بۈگۈن مىسىرنىڭ تانتا شەھىرىدىكى بىر چېركاۋدا مەيدانغا كېلىپ، كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە پۈتكۈل مىسىر خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر