تۈركىيە ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان سومالىغا ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە ئاچارچىلىق ۋە قۇرغاقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئافرىقا دۆلىتى سومالىغا داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرمەكتە.

707290
تۈركىيە ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان سومالىغا ياردەم بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى 60 توننا بوۋاقلار يېمەكلىكىنى موقدىشۇغا يەتكۈزۈپ بەردى.

ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن سومالىدا ھەممە ياقنى ئاچارچىلىق قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى قىيىنلاشماقتا، ھەتتا قانچە ئون مىليون كىشى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالماقتا.

يېقىنقى 30 يىل ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە قارشى خەلقئارا جەمئىيەت ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، تۈركىيە رايونغا بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

Twitter  ۋە YouTube دە 2 مىليونغا يېقىن زىيارەتچىسى بار فىرانسىيەلىك جېرومې جاررې ۋە ئۇنىڭ 5 دوستى «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى سومالىغا ياردەم قىلغىن» ۋە «سومالى ئۈچۈن سۆيگۈ قوشۇنى» نامىدا سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ جاررې ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشتى، ئارقىدىنلا ئىنتېرنېت تور بېتىدە، «سۆيگۈ ۋە ياردەم ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىقنى تاپشۇرۇۋالدۇق» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇ دائىرىدە يىغىلغان 60 توننا بوۋاقلار يېمەكلىكىنى سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇغا يەتكۈزۈپ بەردى.

سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى 15 – كۈنىگە قەدەم قويغاندا، ئىئانە قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 125 كە، ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ سانى 80 مىڭغا يەتتى، يىغىلغان مەبلەغنىڭ سانى تەخمىنەن 2 يېرىم مىليون دوللارغا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر