ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئون نەچچە پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئوخشىمىغان رايونلاردا 24 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.

707288
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئون نەچچە پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلەر جەنىن مۇساپىرلار لاگېرى، زەننابە، فەرئۇن، نۇر شەمس، ئەقەبە، تەل، ئۇمشەرايىت، بەيت رىما، سىلۋاد يېزا – قىشلاقلىرى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىدىكى خىزىر، بەيت ئۇممەر ۋە بەيتۇللەھم ۋە ئەلخەلىل شەھەرلىرىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، «ئاممىۋى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان» دېگەن جىنايەت بىلەن 5 ى ھاماس مەنسۇبى بولۇپ، جەمئىي 24 پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان، ئارقىدىن ئۇلارنى سوراق قىلىشى ئۈچۈن دۆلەت خەۋپسىزلىك  ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستا پات - پات پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنى تۈرلۈك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر