«مېھرى-شەپقەت سومكىسى» بالىلارنىڭ ئۈمىد چىرىغى بولدى
«مېھرى-شەپقەت سومكىسى» جەنۇبىي ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ ئۈمىد چىرىغى بولدى.
707298
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقىدا تاشلاندۇق نەرسىلەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى قاچىلىيالايدىغان «مېھرى-شەپقەت سومكىسى» بالىلارنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدۈردى. چۈنكى بۇ سومكا سايىسىدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى شام يورۇقىدا تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن قۇتۇلماقتا.