لاھوردا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ۋىلايىتىدە نوپۇس تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

706264
لاھوردا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، لاھور شەھىرىگە يېقىن يەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 2 نەپەر نوپۇس تەكشۈرۈش ئەمەلدارى بىلەن ئۇلارغا ھەمراھ بولۇۋاتقان 4 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 ئادەم يارىلانغان.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

پاكىستاندا ئارىدىن 19 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆتكەن ئاي باشلىغان نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ئون مىڭلارچە مۇناسىۋەتلىك خادىم ۋە 200 مىڭدەك ئەسكەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ 15 – مايدا ئاخىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر