خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدلىب ئاھالىسى قېچىشقا باشلىدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە قاراشلىق خان شەيخۇن بازىرى ئاھالىسى بازار مەركىزىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە باشلىدى.

706269
خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدلىب ئاھالىسى قېچىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ تۈنۈگۈن بازار مەركىزىگە قىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا 100 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، 500 دەك ئادەمنىڭ گازدىن زەھەرلىنىشىدىن كېيىن، خەلق بىخەتەر جايلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئون مىڭلارچە ئادەم ياشايدىغان خان شەيخۇن بازىرىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان پۇقرالار، رايوننىڭ خىمىيەلىك قورال گازلىرى بىلەن بۇلغىنىشى ۋە يېڭى زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرىغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچماقتا.

بىر تۈركۈم ئائىلىلەر دەسلەپكى قەدەمدە خان شەيخۇنغا يېقىن جايلاردىكى تۇغقانلىرىنىڭ يانلىرىغا كەتتى، يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەر بولسا، ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىدلىبقا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇرىيە – تۈركىيە چېگراسىدىكى ئاتمە لاگېرىغا يېتىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر