جەبىلتارىق بوغۇزى ئەنگلىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش مۇساپىسىنى باشلىغان ئەنگلىيەنىڭ دېڭىز ئاتلىغان زېمىنى ھېسابلىنىدىغان جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسى تالاش-تارتىش قوزغىدى.

704382
جەبىلتارىق بوغۇزى ئەنگلىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېكىنىپ چىقىش مۇزاكىرە لايىھەسىدە، جەبىلتارىقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا تەستىقلاش ھوقۇقىنى بىرىنچى بولۇپ ئىسپانىيەگە بېرىشى، ئەنگلىيەدە تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇزاكىرە لايىھەسىدە، ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدا تۈزۈلىدىغان ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ، ئەنگلىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە كېلىشىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا جەبىلتارىققا ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسون دۆلەت ئورنىنىڭ «ھەر دائىمدىكىگە ئوخشاش مۇستەھكەم» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، باش ۋەزىر تىرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ جەبىلتارىق توغرىسىدا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باش ۋەزىر باياناتچىسى تىرېسا مېينىڭ جەبىلتارىق رايونىنىڭ باش مىنىستىرى فابىيان پىكاردو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ: «ئەنگلىيە رايون خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا باشقا دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان پىلانغا قوشۇلمايدۇ» دەپ ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ۋەزىر تىرېسا مېي ئەنگلىيەدە چارشەنبە (29-مارت) ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەۋەتكەن 6 بەت 50 ماددىلىق مەكتۇبىدا جەبىلتارىقنى تىلغا ئالماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىنىۋاتقان ئىدى.

ب ب س (BBC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى لورد مايكېل خاۋىرد باش ۋەزىر تىرېسا مېينىڭ جەبىلتارىق مەسىلىسىدە، مارگېرت ساچىرنىڭ فوللەند ئاراللىرى مەسىلىسىدە نامايان قىلغان ئىرادىسىگە ئوخشاش كەسكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق، ئۆكتىچى لىبېرال دېموكرات پارتىيە خاۋىردنىڭ سۆزلىرىگە «ئۇرۇش تەھدىتى» دەپ باھا بەرگەن بولسا، ئىشچى پارتىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش مۇزاكىرەلىرىدە پايدا ئېلىپ كېلەلەيدىغان «دىپلوماتىيە» دىن يىراق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارگېنتىنا 1982-يىلى فولكلەند ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى باش ۋەزىر ساچىر خانىم جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئاراللارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئارمىيەنى ھەرىكەتلەندۈرگەن ئىدى. پارتلىغان ئۇرۇشتا، 255 ئەنگلىيە ئەسكىرى، 655 ئارگېنتىنا ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئاخىرى ئەنگلىيە ئاراللارنى قايتۇرۇۋالغان ئىدى.

ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جەبىلتارىق 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرماقتا. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تاشقى ئىشلاردا ئەنگلىيەگە قاراشلىق بولغان رايون، باشقا ساھەلەردە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدۇ.

ئىسپانىيەمۇ جەبىلتارىقتا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىدىغان بولۇپ، 1967- ۋە 2002-يىلى جەبىلتارىقتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق رېفېراندۇمدا ئىسپانىيەنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا كىرىش رەت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر